قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت تارقىتىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1506110
قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارنامىسىنىڭ ئىمزالانغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت جەئېنبېكوۋ باش مىنىستىر كۇباتبېك بورونوۋنىڭ ئىستېپاسىنى تەستىقلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىلغانلىقى، ۋاقىتلىق مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت جەئېنبېكوۋ يەنە بىر قارارنامە بىلەن قىرغىزىستان مىللىي خەۋپسىزلىك دۆلەت كومىتېتى (ئىستىخبارات ئىدارىسى) نىڭ باشلىقى ئوروزبېك ئوپۇمبايېۋنىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

قىرغىزىستاندا يېڭى باش مىنىستىرنىڭ سايلىنىشى ئۈچۈن 120 كىشىلىك پارلامېنت توپلىنىشى كېرەك.

قىرغىزىستاندا 2020-يىلى 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان 12 ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ تەرەپدارلىرى 5-ئۆكتەبىر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

پارلامېنت ئەزالىرى توپلانغان سەيشەنبە (2020-يىلى 6-ئۆكتەبىر) كەچتىكى يىغىندا، سايلام ھارپىسىدىن كېيىن قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان باش مىنستىر كۇباتبېك بورونوۋنىڭ ئىستېپا مەكتۇبى تارقالغان ئىدى.

تۈرمىدىن چىقىرىلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى سادىر جاپاروۋ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى ۋاقىتلىق باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش مىنىستىرلىق بىناسىغا كىرگەن ئىدى.

سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ 5-ئۆكتەبىر نامايىش تەشكىللىگەن پارتىيەلەر جاپاروۋنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئاتا ماكان پارتىيەسىنىڭ نامزاتى تىلەك توكتوگازىيېۋنى ۋاقىتلىق باش مىنىستىر بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

باش مىنىستىرلىق بىناسىنى كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەرەپدارلار ھاكىمىيەت جېدىلىنى باشلىغان ئىدى.

پىرېزىدېنت جەئېنبېكوۋ دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىس ئۈستىدە توختىلىپ: «دۆلەتنىي تەرتىپ ئەسلىگە كېلەر كەلمەس، ئىستېپا بېرىشكە تەييارمەن» دېگەنىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر