ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 31 گە يەتتى

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئولتۇراق رايونلىرىغا زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 31 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 154 كە يەتتى.

1505513
ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 31 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى 27 - سېنتەبىردىن 8-ئۆكتەبىر سائەت 13:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىققان ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ۋاقىت ئىچىدە 31 ئەزەربەيجان پۇقراسى قازا قىلغان ۋە 154 پۇقرا يارىلانغان.

ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 928 ئۆي، 45 تۇرالغۇ، 133 ئاممىۋى بىنا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋمۇ ئەزەربەيجاننىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ گراد باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى  ئېلان قىلدى.

ھاجىيېۋ گراد باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ھاياتلىرى قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر