ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ توقۇنۇش ساھەسى سىرتىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرى، ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنىڭ سىرتىدىكى پۇقرالار ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1504997
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ توقۇنۇش ساھەسى سىرتىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە ئىشغال ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغنىڭ سىرتىدىكى بەردە، ئاغچابەدى شەھەرلىرى بىلەن گورانبوي، تەرتەر، ئاغدام شەھەرلىرىنىڭ يېزىلىرىغا زەمبىرەك ئاتقانلىقىنى، ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئەرمېنىيەنىڭ 27- سېنتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا 30 ئەزەربەيجان پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 143 ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر