ئەرسىن تاتار شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىىنستىرى ئەرسىن تاتار شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق-ھوقۇقنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1472298
ئەرسىن تاتار شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ماۋى ۋەتەندىكى كۈرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىدە ھەر دائىم تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە لىۋىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرنى ب د ت غا بىلدۈرۈپ، ئورنىنى خەلقئارا قانۇنغا تايانغان ھالدا مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھەر قانداق كىشىنىڭ قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن گىرېتسىيەنىڭ دىپلوماتىك سۈيىئىستېماللىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلارغا ئويۇنچۇق بولۇپ بەرمەسلىكى، تۈركىيە بىلەن ئادالەت ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق رامكىسىدا، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە بىلەن بىز، ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز ۋە ھېچكىمگە تارتقۇزۇپ قويمايمىز. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغداشتا، تۈركىيە بىلەن تولۇق ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، بىزنىڭ پەلسەپەمىز.»     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر