رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشى، رۇسىيەنى ئېغىر ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتتى

رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ تەخمىنەن 200 مىليارد دوللار بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1431686
رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشى، رۇسىيەنى ئېغىر ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا دېڭىز ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە «Blacksea News» خەۋەرلەر تورى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، 2014 - يىلى رۇسىيە قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار سەۋەبىدىن يېرىم ئارالنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا دۇچار بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

تەتقىقاتتا، ئېمبارگو سەۋەبىدىن 2014 - يىلدىن كېيىن روسىيەگە سېلىنىۋاتقان مۇقىم مەبلەغلەرنىڭ تەخمىنەن 200 مىليارد دوللار تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

روسىيەگە سېلىنغان مۇقىم مەبلەغ 2013 - يىلىدا، 422 مىليارد 300 مىليون بولۇپ، بۇ سان يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار سەۋەبىدىن 2015 - يىلى 227 مىليارد 600 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان ۋە 2018 - يىلى 283 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ پاراخوت سانائىتى سەھىسىنىڭمۇ ئېمبارگولار سەۋەبىدىن گېرمانىيە ۋە ئۇكرائىنادىن پاراخوت ماتورى ئالالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، ئېمبارگولار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىقسىزلىقنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەتقىقاتتا يەنە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 


خەتكۈچ: #قىرىم , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر