ساردابا سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن كېيىن تۈركىستاندىن 30 مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئۆزبېكسىتاندىكى بىر سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن چېگرا رايونىغا جايلاشقان قازاقىستاننىڭ تۈركىستان رايونىدىن 30 مىڭ كشىى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىستان ۋالىيسى ئۇمىرزاك شۇكېيېۋ بايانات بېرىپ، ئۆزبېكسىتاننىڭ ساردابا سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن كېيىن، ئامبارغا قۇيۇلىدىغان سۇ مىقدارىنى ئازايتىش مەقسىتدىە سوغىرىش قاناللىرىنى ئاچقانلىقلىرىنى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىستان ئۆلكىسىدىكى 631 ئۆينى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
شۇكېيېۋ، سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن 14 يېزىدىن 30581 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىستان ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سۇ ئاپىتى خەۋپى سەۋەبىدىن بەزى يېزىلاردا ئېقىنلار ۋە يول بويلىرىغا قۇم خالتىلىرىنىڭ تىزىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۆزبېكسىتاندا ياغقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن سەۋەبىدىن 1 – مايدا ساردابا سۇ ئامبىرى توسمىسى قىسمەن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، يۈزلەرچە ئۆي سۇ ئاستىدا قالغان، 56 ئادەم يارىلانغان، 70 مىڭ ئادەم رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.