ئەزەربەيجان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1381471
ئەزەربەيجان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە خىتاب قىلدى. ئۇ خەلقنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە كۈنتەرتىپ ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ بىرىنچى رىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھازىرچە ۋىرۇسقا قارشى ھېچقانداق ۋاكسېنا ۋە دورا يوق، قاچان چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا، ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققان دەسلەپكى كۈنلەردە سىناق تەرىقىسىدە بەزى قەدەملەرنى تاشلىدۇق. ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى» دېدى.

ئۇ دۇنيانىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق ئەزەربەيجانلىقلارنى ئىتتىپاقلىققا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر