ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى، ئەزەربەيجان -ئەرمېنىيە چېگراسىدا ئەرمەن مەرگەننىڭ ئوقى تېگىپ شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى گازاھ ئۆلكىسىنىڭ قۇشچۇ ئايرىم يېزىسى ئەتراپىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان.
باياناتتا ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئورخان پاشازادە ئىسىملىك بىر ئەسكىرىنىڭ ئەرمېنىيە مەرگەنلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ يارىلانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا جەمئىەيت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالىرىنى قوغداۋاتقان بىر ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولۇشىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.