قازاقىستان رۇسىيەدىن 116 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاينى قايتۇرۇپ ئالىدىغان بولدى

مىنىستىر ئايدەربېك ساپاربايېۋ ئالەم قاتنىشى بازىسىغا تەۋە بۇ 116 كىۋادىرات كىلومېتىرلىق جايغا دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھىيەتلىك مۇئەسسىسەلەرنىڭ قورۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1329745
قازاقىستان رۇسىيەدىن  116 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاينى قايتۇرۇپ ئالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان رۇسىيەگە ئىجارىگە بەرگەن بايقۇنۇر ئالەم قاتنىشى بازىسىغا تەۋە 116 كىۋادرات كىلومېتىر جاينى قايتۇرۇپ ئالىدىغان بولدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 1994يىلى 10دېكابىردا ئىمزالانغان بايقۇنۇر ئالەم قاتنىشى بازىسىنى ئىجارىگە بېرش كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستان مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى ئايدەربېك ساپاربايېۋ ئىجارە كېلىشىمىدىن چىقىرىلىدىغان 4 جاينىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھىيەتلىك مۇئەسسىسەلەرنىڭ قورۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئايدەربېك ساپاربايېۋ 116 كىۋادىرات كىلومېتىرلىق جاينى قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ ئالەم قاتنىشى بازىسىنىڭ يىللىق ئىجارە بەدىلىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

قازاقىستان 1994يىلىدا بايكونۇر ئالەم قاتنىشى بازىسىدىكى مۇئەسسىسەلەرنى رۇسىيەگە 20 يىللىق ئىجارە بېرىش كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، 2004يىلى ئىجارە مۇددىتى 2050يىلىغا چىقىرىلغان ئىدى.  

قازاقىستاننىڭ قىزىلئوردو ئۆلكىسىگە جايلاشقان بايكونۇر ئالەم قاتنىشى بازىسى 6700 كىۋادرات كېلومېترىلىق يەر كۆلىمىگە ئىگە بولۇپ، بايكونور شەھىرى ۋە بايكونۇر ئالەم قاتنىشى بازىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. 

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى بازىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ بازىدا، راكىتا قويۇپ بېرىش سوپىلىرى، كونترول مەركەزلىرى ۋە 1500 كېلومتىېر ئۇزۇنلۇقتا باشقۇرۇلىدىغان بامبا سىناق قىلىش ساھەسىمۇ بار.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى ئاجانتاسى «ROSCOSMOS» تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقان بۇ بازىدا، ئالەم كېمىلىرى ۋە راكىتالار قويۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر