ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پۇتىننى قىرىم مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسىكىي رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسىكتە قىرىم ۋە دونباس مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىشكە تەكلىپ قىلىدى.

1232293
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى  پۇتىننى قىرىم مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسىكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىك سۆھبەت تەرتىپلىرىنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پۇتىننى قىرىم ۋە دونباس مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىىشىشكە تەكلىپ قىلىپ: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا خىتاب قىلماقچىمەن. سۆھبەتلىشىشىمىز لازىممۇ؟ لازىم. ئۇنداقتا قىرىمنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە دونباستا كىملەرنىڭ بارلىقىنى سۆھبەتلىشەيلى! سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن مۇنۇ كىشىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ مەن ۋە سىز، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بىزنى چوقۇم مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى. 

رۇسىيە پىرزېدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋمۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، زېلېنسىكىينىڭ تەكلىپىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىمىترىي پېسكوۋ: «ئۇچرىشىش تەرتىپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە نەتىجىلىرىنى چۈشىنىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر