تۈركىستان رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاش تەكشۈرۈلمەكتە

تۈنۈگۈن (24-ئىيۇن) قازاقىستاننىڭ تۈركىستان ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا ئوت كېتىپ يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئىككىگە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 89 غا چىققانلىقى ئېلان قىلىندى.

1224495
تۈركىستان رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاش تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ئوق-دورا ئىسكىلاتىدىكى پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىستاننىڭ ئارىس شەھىرىدىكى ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئوت كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە، ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 18 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 89 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ دوختۇرخانىلاردىكى يارىدارلارنى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەرگە قۇرۇلغان ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىدىكى ئارىس شەھەر ئاھالىسىدىن ھال سوراپ ئەھۋال ئىگىلىدى.

قەيت قىلىنىشىچە، 24-ئىيۇن شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دا ئارىس شەھىرىدىكى ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە ئارىس شەھىرىدىكى 39 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوشنا ناھىيەلەردە قۇرۇلغان چېدىرلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى. قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇلغان بولۇپ، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسكىلاتتىكى ئوق-دورىلارنىڭ يېرىمىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر