قازاقىستاننىڭ تۈركىستان رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى

قازاقىستاننىڭ تۈركىستان رايونىغا جايلاشقان ئارىس شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئوق-دورا ئىسكىلاتىدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1224156
قازاقىستاننىڭ تۈركىستان رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ تۈركىستان رايونىغا جايلاشقان ئارىس شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئوق-دورا ئىسكىلاتىدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پارتلاشتىن كېيىن ئەتراپقا ئوت كېتىپ، 16 كىشى يارىلانغان.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرتتوقايېۋ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە پارتلاشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلىنىشى كېرەك» دېدى.

رايوندا ۋەقە سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. شەھەرنىڭ نوپۇسى 43 مىڭ بولۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى باشلاندى.

قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى نۇرلان يەرمەكبايېۋ رايوندا تەكشۈرۈشلەردە بولدى. مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باكىت قۇرمانبايېۋ بولسا، مىنىستىرلىق نامىدا مەخسۇس قۇرۇلغان كومىتېتنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خەلقنىڭ قورقۇپ كەتمەستىن تارقاقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر