بىشكەكتە نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى
قىرغىزىستاندا بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە باھارنىڭ كېلىشىنىڭ سىمۋولى بولغان نورۇز بايرىمى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە تەنتەربىيە تۈرىدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلىنىۋاتقان نورۇزنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك سورۇنى پايتەخت بىشكەكتىكى چوڭ مەيدان بولدى.
خەلق سەنئەتچىلىرىنىڭ نومۇرلىرى بىلەن باشلانغان پائالىيەت رەڭدار كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە بولدى.
پائالىيەتتە سوغۇق قىش مەۋسۇمىدىن كېيىن باھاردىن بىشارەت بەرگەن قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئۇرۇقلارنىڭ تېرىلىشى ۋە ئاياللارنىڭ دۇئالارنى قىلىپ باھارنى كۈتۈۋېلىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سەھنە ئويۇن ئورۇندالدى.
پائالىيەت جەريانىدا قىرغىزىستان پارلامېنتى باشلىقى داستانبېك جۇمابېكوۋ ۋە بىشكەك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئازىز سۇراكماتوۋ قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.