ئۆزبېكىستان ئافغانىستانغا 3 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىدۇ
ئۆزبېكىستان كېلەر يىلى قوشنىسى ئافغانىستانغا 3 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئۇلۇغبېك مۇستافايېۋ تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندىن كېيىن، ئافغانىستانغا قىلغان ئېلېكتىر ئېكسپورتى ھەققىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.
ئۇلۇغبېك مۇستافايېۋ ئالدىنقى يىلى ئافغانىستانغا 1 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېكىسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يىل ئاخىرىغا قەدەر ئافغانىستانغا 2 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېكىسپورت قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. كېلەر يىلى ئافغانىستانغا 3 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىشنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېدى.
ئۆزبېكىستاننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستانغا 1 كىلوۋات سائەت ئېلېكتىرنى 7.6 سېنتتىن سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردىن كېيىن، 1 – ئىيۇندىن باشلاپ، ئافغانىستانغا سېتىلىدىغان ئېلېكتىردە %30 باھانى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ۋە باھاسىنى 5 سېنتكە چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇلۇغبېك مۇستافايېۋ ئافغانىسان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنىنىڭ 2017 – يىلى دېكابىر ئېيىدا ئېلىپ بارغان ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان «سۇرخان - پۇلى خۇمرى ئېلېكتىر لىنىيەسى» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار كېلىشىم دائىرىسىدە، لىنىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئۆتىدىغان 45 كېلومېتىرلىق قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغانلىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ لايىھەنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېكىسپورت قىلىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇلۇغبېك مۇستافايېۋ يەنە، بۇ يىل تاجىكىستاننىڭمۇ تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۆزبېكىستان ئافغانىستانغا تۇنجى قېتىم 2002 – يىلى 62 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.