ئۆزبېكىستاندا ئاساسىي قانۇن بايرىمى
ئۆزبېكىستاندا ئاساسىي قانۇن بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 136 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ پايتەخت تاشكەنتتە «ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلگەنلىكىنىنىڭ 26 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن، ھۆكۈمەت ئەزالىرى، دۆلەتتىكى چەت ئەل ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە كۆپ ساندىكى مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزبېكىستاندا يېقىنقى مەزگىللەردە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئادىل ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىش مەسىلىسىدە مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئاساسىي قانۇن بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن 136 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان 3 مىڭ 333 مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان <ئەسەبىي دىنىي گۇرۇپپىلار بىلەن چېتىشلىقى بار شەخسلەر> تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى.»
پىرېزىدېنت مىرزىيويېۋ يەنە، «ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 26 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن شەخسلەرنى ئوخشىمىغان شەكىلدە مۇكاپاتلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كونسېرت ۋە خەلق ئويۇنلىرى نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.