ئىراق تۈركمەنلىرى ھاكىمىيەتتىن ئورۇن ئېلىشنى خالايدۇ
ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى ھەرىكىتى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە قۇرۇلىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن ئاكتىپ ھالدا ئورۇن ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى ھەرىكىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئەربىلدە چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىغا، تۈركمەن پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركمەن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئىراق تۈركمەنلىرى ئالدىنقى سېپى ھەرىكىتىنىڭ ئەربىل پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن مەرۇف يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېڭەش يىغىنىدا، تۈركمەنلەرنىڭ يېڭى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمىتىگە يېگانە سادا سۈپىتىدە ئىشتىراق قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە قۇرۇلغۇسى يېڭى ھۆكۈمەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان تۈركمەنلەرگە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋە تۈركمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىقى ۋەزىپىلىرىنىڭ بېرىلىشى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركمەن پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ئىلھانلى، ئىچكى كابېنتتىكى تۈركمەنلەرنىڭ بىر مىنىستىرلىقتا ۋەكىللىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركمەن سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يىغىندا ھۆكۈمەتتە ئىشتىراكچى سۈپىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئورتاق بولۇش تەلىپىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دەرۋەقە، تۈركمەنلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىن ۋە سىياسىي مىخانىزمدىن ئاكتىپ ئورۇن ئېلىشى زۆرۈر، چۈنكى رايوندىكى ئىككىنچى ئېتنىك گۇرۇپپا تۈركمەنلەردۇر، شۇڭا تۈركمەنلەرنىڭ سىياسىي مەۋجۇدىيىتى كۈچلەندۈرۈلۈشى لازىم.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.