ئەتە ئاستانادا ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدۇ

ئەتە (28 – تويابىر) قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا سۈرىيە تېمىلىق 11 – نۆۋەتلىك كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنى باشلىنىدۇ.

1095852
ئەتە ئاستانادا ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىشىش، دۆلەت ئاساسىي قانۇنى كومىتېتى ۋە قاماقتىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ھەر قېتىملىق يىغىن ئولتۇرۇشىدا بولغانغا ئوخشاش، ئەتە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۆزئارا تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئىيوردانىيە يىغىنغا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىدۇ.

بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىمۇ كاپالەتچى دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى ھەيئەتلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

بارلىق تەرەپلەر بىر يەرگە جەم بولىدىغان ۋە خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنىدىغان ئاساسلىق ئومۇمىي يىغىن بولسا، 29نويابىردا ھەر قايسى ھەيئەت باشلىقلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپ ۋە ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىدىن كېيىن چاقىرىلىدۇ. ئومۇمىي يىغىنغىچە بولغان ھەر قايسى ئولتۇرۇشلار ئاخباراتچىلارغا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيەگە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۈنال، ئىرانغا ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەنسارى، رۇسىيەگە پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتيېۋ ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئامېرىكا يېقىنقى 2 قېتىملىق يېغىنغا ۋەكىل ئەۋەتمىگەن ئىدى.

سۈرىيە ھەربىي ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىگە سۈرىيەنىڭ سابىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەھمەت تۇما، بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە بولسا، ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى بەششار جافەرى ۋەكىللىك قىلىدۇ.

10نۆۋەتلىك يېغىن رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سوچىدا 30ئىيۇلدىن 31ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يىغىندا، كاپالەتچى دۆلەتلەرسۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئورتاق مەيداندا تۇرۇش تەكىتلەنگەن ئىدى.

ھەر قايسى تەرەپلەر پاناھلانغۇچى ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۆز رىزاسى بىلەن يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆتكەن قېتىمقى يىغىندا يەنە، سۈرىيەدە قاماققا ئېلىنغان كىشىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ئۆزئارا قويۇپ بېرىلىشى، نۇقتىلىق لايىھە سۈپىتىدە ماقۇللانغان ۋە ئەسىر ئالاشتۇرۇش 24نويابىردا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.

سوچىدىكى يىغىندىن بۇيان كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا ھەيئەتلىرى ئىدلىبتىكى يىرىكچىلىكنى ئازايتىش رايونىدا، ئۇرۇش تۇختىتىشقا ئالاقىدار يېڭى ئەھۋاللارنى ۋە پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشى، قاماقتىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. 

كېيىن، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرى تېھراندا 7سېنتەبىردە بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئەردوغان بىلەن پۇتىن 17 - سېنتەبىردە كۆرۈشۈپ، ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سوچى كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقان ئىدى.

بۇ كېلىشىمگە بىنائەن، ھەربىي ئۆكتىچىلەر قورالسىزلىنىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن رايوندىن قوراللىرىنى چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر