تۈرك كېڭىشى كېڭىيىش باسقۇچىدا

تۈرك كېڭىشى يغىنىنىڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان تەسىرى.

1063487
تۈرك كېڭىشى كېڭىيىش باسقۇچىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە بۇ يىغىننىڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

2018 – يىلى قىرغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھىرىدە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) نىڭ 6 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى «ياشلار ۋە  مىللىي تەنتەربىيەلەر» ئىدى. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان يىغىنغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىنغا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربانمۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى.

سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېخىچە تاماملانمىغان بىر ئۆزگىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان خەلقئارالىق تۈزۈمدىكى بۇ ئۆزگىرىش  مۇساپىسىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم تولۇق بىلەلمەيدۇ. لېكىن، بەزى يۆنىلىشلەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پۇل – مۇئامىلە پائالىيەتلىرى، سودا – ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەر ۋە تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ دائىرىسى دۆلەتتىن ھالقىغان ھالدا بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. بۇ ئەھۋال مەنپەئەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھەر خىل مىللەتلەرگە مەنسۇپ شەخسلەرنى چېگرا سىرتىدا مەنپەت دائىرىسىدە بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلىماقتا. بۇ دائىرىدە تۈرك كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرى ۋە بۇ كېڭەشنىڭ تەجرىبىسى ھەققىدە تەپسىلىي توخىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

تۈرك كېڭىشى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارا كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىقنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە 2009 يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتتۇر. تۈرك كېڭىشىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەدۇر.

تۈركمەنىستان «دائىمىي بىر تەرەپ دۆلەت» سالاھىتى سەۋەبىدىن، ئۆزبېكىستان بولسا ئۆتمۈشتىكى بەزى سىياسىي سەۋەبلىرى سەۋەبىدىن تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولمىغان. بىراق ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تۈرك كېڭىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇڭا، ئۆزبېكىستاننىڭ يېقىن زاماندا تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىزھار قىلىشى، ھەم تۈرك كېڭىشىنىڭ كېڭىيىشى، ھەمدە ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەم ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان ئۆزبېكىستاننىڭ قىسقا مەزگىلدە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى مۇقەررەردەك قىلىدۇ. دەرۋەقە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولغان ۋېنگىرىيەگە «كۆزەتكۈچى دۆلەت» لىك سالاھىيىتى بېرىلىشى، تۈرك كېڭىشىنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئەھمىيىتىنىڭ زورىيىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىندا، تۈرك كېڭىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى تەشكىلات سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى قوللاش توغرۇلۇق قارار ماقۇللاندى. بۇ قارارغا ئاساسەن، تۈرك كېڭىشى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئەزالىق ۋە كۆزەتكۈچىلىك پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن، تۈرك كېڭىشىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈرك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى قازاقىستاندىن قىرغىزىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ يىغىندا، تۈرك كېڭىشىنىڭ 2014 – 2018 – يىللىرىدىكى پائالىيەتلىرى خۇلاسىلىنىپ، كەلگۈسىگە قارىتا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن يېڭى قارارلار ماقۇللاندى.

يىغىندىن كېيىن تەرەپلەر «چولپان ئاتا باياننامىسى» ۋە «ۋېنگىرىيەگە تۈرك كېڭىشىگە كۆزەتكۈچى ئەزالىق سالاھىيىتى بېرىش قارارنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ئەھدىنامىسى»، تۈرك كېڭىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇش پائالىيەتلىرىنى قوللاش قارارنامىسى ھەمدە ياشلار ۋە مىللىي تەنتەربىيەلەر ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان ئورتاق باياننامىنى ماقۇللىدى.

يىغىندا يەنە، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق قارارىغا ئاساسەن، تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىبلىقىغا، قازاقىستاننىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باغداد ئەمرېيېۋ، تۈرك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبلىقىغا ئۆمەر كوجامان، خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا  داركخان قۇديىرالى قايتىدىن تەيىنلەندى.

يىغىندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن سۇنۇلغان «ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا ئىشلىرىدا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش» تەكلىپى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ھەم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يەر شارى خاراكتېرلىك ۋاە رايونلۇق گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت كۈچەيگەن، ئىقتىسادىي ئېمبارگولار نەتىجىسىدە سودا ئۇرۇشلىرى قىزىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە سۇنۇلغان بۇ تەكلىپ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يېقىنقى يىللاردا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ تەسىرىدە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مىللىي پۇللىرى دوللارنىڭ ئالدىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىممىتىنى يوقاتتى.

يىغىندا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان «تۈرك دۇنياسىدىكى 100 يېڭى مەشھۇر شەخس» ۋە «تۈرك دۇنياسىدىكى مۇقەددەس جايلار» لايىھەلىرى، ھەم تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە بىرلىكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ھەمدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىنى جاھانغا تونۇشتۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەزكۇر لايىھەلەر تۈرك كېڭىشى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان «زامانىۋى يېپەك يولى ئورتاق ساياھەت پىروگراممىلىرى» لايىھەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

يىغىندا، تۈرك كېڭىشىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا سۇنۇلىدىغان «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەھدىنامىسى» نىڭ قوبۇل قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمدە تۈرك كېڭىشىنىڭ ھەمكارلىق مەسىلىسىدە جىددىي قەدەملەر تاشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك كېڭىشىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ۋە رايونلۇق تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، ھەم تەشكىلاتنىڭ ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىراتېگىيەلىك قارارلىرى ۋە پىلانلىرى بەلگىلىنىپ چىقىلىشى لازىم.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە قارىتا مۇھىم قارار ماقۇللاندى.

تۈرك كېڭىشى ھەم كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئارا مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاساسلىق تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى سايىسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالاھىدە بىر قۇرۇلمىغا ئىگىدۇر. بىراق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىقتىسادىي، سىياسىي كۈچى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك نوپۇزى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تۈرك كېڭىشىنىڭ نىشانلىرىنى «ئۇزاق مەزگىللىك نىشان» قىلىپ بېكىتىش ئىنتايىن زۆرۈر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر