بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.
بىنالى يىلدىم تۈنۈگۈن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ باردى.
ئۆزبېكىستان پارلامېنت باشلىقى نۇرىددىنجان ئىسمائىلوۋ بىنالى يىلدىرىم شەرىپىگە زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى. زىياپەتتە بىلنالى يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «تۈرك ۋە ئۆزبېك خەلقلىرى ئوخشاش جۇغراپىيەدە ياشىمىسىمۇ كۆڭۈل رىشتىلىرى ۋە سەممىي قېرىنداشلىق ھېسلىرىنى ئەلمىساقتىن بۇيان قوغداپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت تۈركىيە بولغان. بۈگۈنمۇ ھەر ئىككى دۆلەت ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقى ئوخشاش قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياشىماقتا.»
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان يىلدىرىم: بۇ ئىشنى جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھۆرمەتلىك شەۋكەت مىرزىزيېۋنىڭ بىرلىكتە نامايەن قىلغان سىياسىي ئىرادىسى تۈرتكىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىمىزغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن، دېدى.
ئۆزبېكىستان ئالىي پالاتا ئەزاسى باشلىقى مىگماتۇللا يولداشېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن يىلدىرىم، يېقىنقى مەزگىللەردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.