ئىراق تۈركمەنلىرى چاقىرىق ئېلان قىلدى
ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەئىسى ئەرشات سالىھى ئىراقتىكى بارلىق تەرەپلەرنى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە تۈركمەنلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرشاد سالىھى كەركۈكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركمەنلەرنىڭ ئىراق خەلقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە تۈركمەنلەرنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراقتا شىئە ۋە سۇنئىي تەرەپلەرنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىرشاد سالىھى، «تەلىپىمىز؛ ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە تۈركمەنلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلىشىدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
ئىرشاد سالىھى كەركۈك قاتارلىق تالاش – تارتىشلىق رايونلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش سودىسىغا سۇيىئىستېمال قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنىمۇ ئالاھىدە جىكىلىدى.
ئىراقتا 12 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدىن كېيىن، ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.