ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دىيالوگ يىغىنى تاشكەنتتە چاقىرىلدى

« بەش جۇمھۇرىيەت ۋە ئامېرىكا»مۇنبىرى يىغىنى ئۆزبېكسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە چاقىرىلدى.

1017740
ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دىيالوگ يىغىنى تاشكەنتتە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا دىيالوگ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە كۆرۈشتى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، رايون ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى، تېررورىزىم ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە چېگرالارنىڭ بىخەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە چارە تېپىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىمۇ تەپسلىي مۇزاكىرە قىلغان مۇتەخەسىسلەر، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىردەك تەكىتلەشتى.

2015-يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن رايون بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان « بەش جۇمھۇرىيەت ۋە ئامېرىكا»مۇنبىرى سىياسەت، ئىقتىساد، سودا، سېلىنما، قاتناش، تىرانسپورت ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش، رايونلۇق تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەھدىتلەرگە ئورتاق قارشى قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز-ئارا كېڭىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

«ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا»تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 2015-يىلى نويابىردا ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە چاقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر