ئۆزبېكىستاندا تۇنجى قېتىم روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى توغرىسىدا قارارنامە ئىمزالىدى.

991939
ئۆزبېكىستاندا تۇنجى قېتىم روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان كەچۈرۈم قارارنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ پۇشايمان قىلغان 226 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دائىرىدە 102 مەھبۇس شەرتسىز، 71 مەھبۇس شەرتلىك قويۇپ بېرىلىدىكەن؛ 39 مەھبۇسنىڭ قاماق جازاسى باشقا بىر جازا بىلەن ئالماشتۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلىدىكەن، 14 مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلىدىكەن؛ كەچۈرۈم قىلىنغانلار ئارىسىدا 40 نەپەر 60 ياشتىن ھالقىغانلار، 39 نەپەر چەت ئەللىك، 37 نەپەر ئايال، 51 نەپەر قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى بار ئىكەن.

مەزكۇر قارارنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن، قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىشى ۋە خىزمەت قىلالىشى ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىدارە – ئورگانلارنىڭ كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنغان.

ئۆزبېكىستاندا بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇستەقىللىق ۋە ئاساسىي قانۇن كۈنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم ئېلان قىلىناتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر