تۈركمەنلەر ئاچلىق ئېلان قىلدى
ئىراقنىڭ كەكۈك شەھىرىدە ئومۇمىي سايلامدا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن تۈركمەنلەر ئاچلىق ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن ياشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى مۇرات تۈركمەن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھىيلە ئىشلىتىلگەن سايلاملاردىكى بېلەتلەرنى قايتىدىن ساناشنى تەلەپ قىلىۋاتقان 50 تۈركمەن ياش ئاچلىق ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.»
نىشانلىرىنىڭ سايلاملاردا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى پاش قىلىش ئارقىلىق، تۈركمەنلەرنىڭ ئىرادىسىنى ئوغرىلىماقچى بولغانلارنىڭ پىلانلىرىنى بىتچىت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تۈركمەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كەركۈكتە سايلاملارغا يۈز مىڭلارچە تۈركمەن سايلىغۇچى قاتناشقان بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، سايلامنىڭ نەتىجىلىرى مۆلچەرلىرىمىزدىن خېلىلا تۆۋەن. بېلەتلەرنىڭ قول بىلەن سالىنىشى ئۈچۈن مەركىزىي باغداد ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىزنى قوللىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»
كەركۈكلۈك ئابدۇللاھ نەسرۇللاھمۇ تۈركمەنلەرنىڭ بۇ شەھەردە ئىزلىرىنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.