رۇھانى باكۇدا ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئەزەربەيجاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

940034
رۇھانى باكۇدا ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ ھەسەن رۇھانىنى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى؛ ئىككى دۆلەت مىللىي مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئەلىيېۋ بىلەن رۇھانى ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئالاقىدار مىنىستىرلار ئائىلە، ئاياللار ۋە بالىلار مەسىلىلىرى، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت – سەنئەت، سەھىيە، سانائەت، قاتناش ۋە مالىيە ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ دائىرىدە، ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھازار دېڭىزىدىكى بەزى نېفىت قۇدۇقلىرىنى بىرلىكتە ئىشلىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

ئەلىيېۋ بىلەن رۇھانى، نەفتچالا ناھىيەسىگە سېلىنغان ئاپتوموبىل زاۋۇتى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئاستارا رايونى بىلەن ئىراننىڭ ئاستارا رايونى ئارىسىغا ياسالغان چېگرا رايونى تۆمۈر يولىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش لېنتىسىنى كېسىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر