ياۋروپادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى تۈركلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تەرەپدارلىرى ياۋروپانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تۈركلەرگە ئائىت ماكانلار ۋە جامەلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

899289
ياۋروپادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى تۈركلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ساقچىلىرى سۈكۈت قىلىۋاتقان ھۇجۇملاردىن بىرى بۇ قېتىم شىۋېتسىيەدە يۈز بەردى.

ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ھۇجۇم بىرلىك تەرىپىدىن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ زەپەر قازىنىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان «فەتىھ دۇئاسى» پىروگراممىسى ھارپىسىدا يۈز بەردى.

بىنانىڭ تېمىغا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شوئارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەتلەر يېزىلدى.

ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى سىتوكھولم شۆبىسىىنىڭ مەسئۇلى سەرھات فىرات باراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمنىڭ نىشانى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ بىرلىكنىڭ پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگىلى قويماسلىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر