ئەزەربەيجان ئەنقەرەگە يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ھازار ئىبراھىمنى ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلىدى.

821702
ئەزەربەيجان ئەنقەرەگە يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان قارارنامىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ھازار ئىبراھىم، ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

ھازار ئىبراھىم ئىلگىرى ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەنىدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئۆتكەن ئاي 2010 – يىلىدىن بۇيان ئەنقەرەدە باش ئەلچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان فائىك باغىروۋنى مەركەزگە چاقىرىش توغرىسىدا قارار چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر