ئافغانىستاننىڭ ھېرات ئۆلكىسى يەنە قانغا بويالدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات ئۆلكىسىدە بومبىلىق ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى.

773886
ئافغانىستاننىڭ ھېرات ئۆلكىسى يەنە قانغا بويالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات ئۆلكىسىدە بومبىلىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 4 خەۋپسىزلىك خادىمى ئۆلدى.

چاشتى شەرىف ھاكىمى فەرھاد ھامىدى ناھىيە مەركىزىگە يېقىن بىرجايدىكى يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ خەۋپسىزلىك خادىملىرى يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا پارتىلتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا 4 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان ھامىدى خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭمۇ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر