ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ئاھالىلەر رايونىنى توپقا تۇتتى
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپتىكى ئەزەربەيجان پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنى زەمبىرەكلەر بىلەن توپقا تۇتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ تەرتەر، ئاغدام ۋە فۇزۇلى ۋىلايەتلىرىدىكى ھەربىي ۋە پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنى 82 ۋە 120 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقلىرىنى ئىشلىتىپ توپقا تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇنىڭغا ئوخشاش قۇتراتقۇلۇقلار قايتىلانغان تەقدىردە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئەرمېنىيە ھەربىي ئىستىھكاملىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.