ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن يىپەك ۋە دورا – دەرمان فېستىۋالى ئاخىرلاشتى
ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تۈركىيەمۇ قاتناشقان 16 – نۆۋەتلىك يىپەك ۋە دورا – دەرمان فېستىۋالى ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرنىڭ تارىخىي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرلۈك يىپەك رەختلەر ۋە ھەر خىل دورا – دەرمانلار كۆرگەزمە قىلىندى.
ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان فېستىۋال دائىرىسىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم – كېچەكلىرى تونۇشتۇرۇلدى، شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلق ئويۇنلىرى ئورۇندالدى، خوراز ۋە قوچقار سوقۇشتۇرۇش تاماشىسى، دارۋازلىق سورۇنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى، ئەنئەنىۋى ئۆزبېك پولوسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان ئۇستا پولو ئاشپەزلىرى تۈرلۈك ھەدىيەلەر بىلەن مۇكاپاتلاندى.
تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇخارادا ساياھەت ئىشلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋال، ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر ئورۇنلىغان نومۇرلار بىلەن ئاخىرلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.