ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تەۋرىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5.5 بال يەر تەۋرىدى.

729933
ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاشقورغاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 4 كىشى قازا قىلغان.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 5 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان رايونغا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە سەھىيە خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر