قىرغىزىستاندا تاغ غۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ غۇلاش ۋەقەسىدە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 24 كىشى تۇپراق ئاستىدا قالدى.

722748
قىرغىزىستاندا تاغ غۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن تاغ غۇلاش ۋەقەسىدە توپراق ئاستىدا قالغان 24 كىشىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى باشلاندى.

قىرغىزىستان جىددىي ھالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش رايونىغا قاراشلىق ئۆزگەن ناھىيەسى ئايۇ ئولتۇراق رايونىدا ئەتىگەن سائەت 07:20 تاغ غۇلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تاغ غۇلاش ۋەقەسىدە 6-7 ئائىلىنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە ئائىلە ئەزالىرىدىن 24 كىشىنىڭ تۇپراق ئاستىدا قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر