بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈركمەنتېغىغا ھۇجۇم قىلماقتا
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى لازقىيە رايونىدىكى بايىبۇجاق تۈركمەنلىرى ياشاۋاتقان تۈركمەنتېغىغا ھۇجۇم قىلماقتا.
720277
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى كەلەز، يامادى ۋە ساللۇز يېزىلىرىغا شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ۋە راكېتامىيۇتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى، بايىربۇجاق تۈركمەنلىرى ياشاۋاتقان رايونغا ئونلارچە بومبا چۈشتى، ھۇجۇملاردا 2 كىشى قازا قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ تۈركمەنتېغىنىڭ شەرقىدىكى جەبەل ئەكراد رايونىغا ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھەم ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 كىشى يارىلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى مەزكۇر رايونلارغا پات - پات ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.