ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى شېھىت بولدى.

680014
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى يېرىم كېچىدە پۈتكۈل ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىنى بويلاپ ئەزەربەيجان قارارگاھلىرىغا  ھۇجۇم قىلغان.

ئالدىنقى سەپ لىنىيەسنىڭ خوجاۋەند – فۇزۇلى رايونىدىكى مۇھىم جايلارنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى نەتىجىسىدە ئەرمېنىيە قىسىملىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

توقۇنۇشتا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىچىدە شېھىت بولغانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىرلىق، شېھىتلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەندىن كېيىن ئەزەربەيجان قارارگاھلىرىنى توپقا تۇتقان، ئەزەربەيجان قىسىملىرىمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر