ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەرات ئالبايراق يىغىن ھارپىسىدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئېلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
ئالبايراق يىغىندىن كېيىن ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ھەم ئىتالىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.
يىغىندا يەنە، ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان لايىھەنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.