ئىلھام ئەلىيېۋ رەپىقىسىنى بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ رەپىقىسىنى بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، رەپىقىسى مىھرىبان ئەلىيېۋانى بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېتنلىققا تەيىنلىدى.
پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ مىھرىبان ئەلىيېۋنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنىڭ روھىي بويىچە «بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق»ۋەزىپىسىگە تەيىنگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئەزەربەيجاندا 2016-يىلى 26-سېنتەبىردە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
سايلىغۇچىلارنىڭ %86.6ى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە «بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق» ۋە «مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلار»ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىنغانىدى.
يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ روھى بويىچە، بىرىنى بۇ ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش ۋە بۇ ۋەزىپىلەردىن ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقى پىرېزىدېنتنىڭ قولىدا بولىدۇ.
پىرېزىدېنت بولمىغان ئەھۋالدا بارلىق ھوقۇق قانۇنىي چېقىلالماسلىق ھوقۇقى بولغان بىرىنچى قول مۇئاۋىن پىرېزىدېنتنىڭ ئىلىكىدە بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.