تالانتلىق ياش ئوقۇغۇچى شەمسىددىن ئاقسۇئاۋاتنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىپتىخارلاندۇردى

تالانتلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شەمسىددىن ئاقسۇئاۋاتنىڭ «ئۈمىد تامچىسى» ناملىق ئەرەبچە شىئېرلار توپلىمى پايتەخت قاھىرەدە نەشىرىدىن چىقتى.

676804
تالانتلىق ياش ئوقۇغۇچى شەمسىددىن ئاقسۇئاۋاتنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىپتىخارلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەپسىرشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شەمسىددىن ئاقسۇئاۋاتنىڭ «جرعة أمل» «ئۈمىد تامچىسى» ناملىق ئەرەبچە شىئېرلار توپلىمى پايتەخت قاھىرەدىكى «مەكتەبۇتۇز زەئىم» نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

شەمسىددىن ئاقسۇئاۋاتنىڭ «ئۈمىد تامچىسى» ناملىق ئەرەبچە شىئېرلار توپلىمى 50 دىن ئارتۇق شىئېر، مەرسىيە، دىنىي كۈيلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇ شىئېرلىرىدا ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى ۋە ئاتا – ئانا مۇھەببىتىنى ئۆزگىچە ئوبرازلىق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاتاپ يازغان كۈيلىرى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شەمسىددىن ئاقسۇئاۋات 1992 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە 8 يېشىدا دادىسى سالاھىددىن ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئائىلىسى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەلگە چىققان. كېچىكىدىنلا يەمەن ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە بىر تەرەپتىن دىنىي مەدرىسىلەردە ئوقۇپ يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەن.

سۈرىيەدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە تەجۋىد ئالىملىرىدىن قۇرئان تىلاۋىتى ئۆگىنىپ، قۇرئان كەرىمنى تولۇق ياد ئالغاندىن سىرت، دۇنياغا مەشھۇر 10 خىل قىرائەت قىلىشنى پىششىق ئۆگەنگەن. 2005 – يىلى 13 يېشىدا سۈرىيەدە ئېلان قىلىنغان ئۇنىڭ قىرائەت پىلاستىنكىسى ئەرەب دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان دىنىي ئالىملارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلىشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان. سۈرىيەدە تۇلۇق ئوتتۇرىنى نەتىجىلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن مىسىرغا كۆچۈپ بېرىپ ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەپسىرشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

شەمسىددىن ئاقسۇئاۋات بىر تەرەپتىن تەپسىرشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىرتەرەپتىن ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە شىئېرىيىتىنىمۇ قوشۇمچە ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەرەب خەتتاتلىق سەنئىتىگىمۇ ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئۈلگىلىك، تىرىشچان ئۇيغۇر ياش ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىسىردا ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

پايتەخت قاھىرەدىكى «مەكتەبۇتۇز زەئىم» نەشىرىياتى 2017 – يىلى فېۋرالدا شەمسىدىن ئاقسۇئاۋاتنىڭ 8 يىللىق شىئېر ئىجادىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «جرعة أمل» «ئۈمىد تامچىسى» ناملىق ئەرەبچە شىئېرلار توپلىمىنى رەسمىي نەشىر قىلدى.

بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئىسلام ئىلىملىرىدە، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا، قىرائەت ۋە خەتتاتلىقتا ئەرەبلەرمۇ تەستە قولغا كەلتۈرىدىغان بۇنداق ئالىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلىشىغا چوڭ ھەسسە قوشقانغا ئوخشاش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ چوڭقۇر ئىپتىخارلاندۇرماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر