قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللاندى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، ئومۇمىي خەلق ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىدى.

660474
قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كابىنېتى ئەزالىرى، پارلامېنتتىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان بىر مۇراسىمدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ كۈچىيىشىنى ۋە بىرلىكىنى قوللاش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننى مىنالاردىن تازىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلققە يېڭى ئاساسىي قانۇننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ھالدا، مۇستەقىللىق يولىدا كاتتا ۋە تارىخىي بىر قەدەم تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاتامبايېۋ، يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ خەلقنى ھاكىمىيەتنى مەدەنىي ئۇسۇلدا ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 41 ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈش ئارقىلىق ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى، باش مىنىستىرنىڭ ھوقۇق دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

يېڭى ئاساسىي قانۇندا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ۋە سالاھىيىتىگە دائىر نۇقتىلارغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر