ئەزەربەيجان 20 - يانۋار پاجىئەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە

ئەزەربەيجاندا 1990 – يىلى 20 – يانۋاردا مەيدانغا كەلگەن «قانلىق يانۋار» ۋەقەلىرىنىڭ 27 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە.

655676
ئەزەربەيجان 20 - يانۋار پاجىئەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش كۈرەش تارىخىدىن قەھرىمانلىق سەھىپىسى، دېگەن نام بىلەن ئورۇن ئالغان 1990 – يىلى 20 – يانۋاردا، ئەزەربەيجانغا قارشى زېمىن دەۋالىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالچى تەشەببۇسلىرى ۋە سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشىغا غەزەپلەنگەن ئەزەربەيجان خەلقى، باكۇنىڭ كوچا – مەيدانلىرىغا چىقىپ نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارغا قارشى ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىشى نەتىجىسىدە ئېغىر پاجىئە يۈز بەردى. ئۇ كۈنلەردە ئۆز دۆلىتىنى، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان ئەزەربەيجانلىقلار جانلىرىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولدى.

1990- يىلى 19-، 20 – يانۋار كېچىسى ئالدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنماستىنلا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئەزەربەيجانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ پاجىئە نەتىجىسىدە 137 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، 744 ئادەم ئېغىر يارىلاندى، 841 ئادەم قانۇنسىز شەكىلدە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ۋەقەلەر جەريانىدا 200 ئۆي – ماكان، خۇسۇسىي ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇقىم مۈلۈك ۋەيران قىلىندى.

ۋەقەلەر نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئۇزۇن يىللار بويىچە ئارزۇ قىلىنغان مۇستەقىللىقىگە ئېرىشتى. بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ يۈز بەرگىنىگە نۇرغۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۇ كېچىنى ھەممە ناھايىتى ياخشى خاتىرىلەيدۇ. 20 – يانۋار پاجىئەسى ھەر يىلى ئەزەربەيجاندا «قايغۇ كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر