ئاستانە يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئېنىق بولدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ساريى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە ئىزدەش مەقسىتىدە ئاستانەدە چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ 23 – يانۋار كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

651178
ئاستانە يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان قالىن، ئاستانە يىغىنى توغرۇلۇق توختالغاندا، تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە سۈرىيەدە يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇش توختىتىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە سۈرىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاستانە باسقۇچىنى قەدەممۇقەدەم  كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر