ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئىھام توختى ۋە ختايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى باياناتتا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

634154
ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئىھام توختى ۋە ختايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نوپۇزلۇق تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتى كەڭ ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس سايبېن بۇكۇس ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار باياناتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

«خىتاي گەرچە ئىقتىساد ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىلەش ئەمەس، ئەكسىچە بارغانسېرى چېكىنىپ كەتمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەدلىيە، قانۇن سىستېمىسىدىكى ئېنىقسىزلىق ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۇلۇپمۇ، كىشىلىك ھۇقۇق تەرەپدارلىرىنىڭ داۋاملىق نەزەربەنت قىلىنىشى، مەسىلەن: ئادۋوكات لى خېپىڭ، ۋاڭ چۈۋەنجاڭ، شېياڭ، شېشۇڭيى قاتارلىقلار... ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دائىم ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار بولۇشى لازىم. بىراق، ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز قولغا ئېلىنىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇپ ھەق گەپ قىلىش جىنايەت ئەمەس، ئەمما خىتايدا نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ھېچقانداق سوتلانماستىن 7 ئاي، ھەتتا بىر يىلغىچە قاماپ قويۇلىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى كىشىلىك ھۇقۇقنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋەدىسىگە بولغان گۇمانىمىزنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە «تىنىچلىق نوبېل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلەر ئالاھىدە ئالقىشلىنىدۇ. ئەمما، خىتايدا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىلھام توختى، ليۇشاۋبولار يەنىلا تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ،بۇلار قويۇپ بېرىلىشى لازىم.»

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس سايبېن بۇكۇس باياناتىدا يەنە: «مەن ئىككى يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھۇقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەكتە. خىتاينىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ئۇقۇمىنى تەنقىد قىلسام، <بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى، ھەتتا مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزدى>دېيشىمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر