ئەزەربەيجاندا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدا قازا يۈز بەردى

ئەزەربەيجاندا ھازار دېڭىزىغا جايلاشقان نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدا مەيدانغا كەلگەن قازادا 10 كىشى يوقاپ كەتتى.

631370
ئەزەربەيجاندا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدا قازا يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 05.00 ئەتراپىدا قاتتىق بوران – چاپقۇندىن كېيىن  نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدىن بىرىنىڭ 150 مېتىرلىك قىسمى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى.

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازا جەريانىدا نۆۋەتىچىلىك قىلىۋاتقان 5 كىشى،  سۇپىدىكى 5 كىشى بولۇپ، جەمئىي 10 كىشى دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازانىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كومىتېت تەشقىل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر