تۈركمەن يۇرتى تەلافەردىن 3000 ئائىلە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

ئىراقتىكى تۈركمەن يۇرتى تەلافەردىن 3000 ئائىلە ھەربىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

619493
تۈركمەن يۇرتى تەلافەردىن 3000 ئائىلە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى تەخمىنەن 3000 ئائىلە تەلافەردىن كۆچۈپ كەتتى.

نىنوۋا ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن مەجلىس باشلىقى نۇرەددىن كاپلان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تەلافەر ناھايىتى ئېغىر ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە،مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان كۈندىن ئېتىبارەن، ئەڭ چوڭ كۆچ دولقۇنى 2 كۈن ئىلگىرى تەخمىنەن 3000 ئائىلىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشى بىلەن مەيدانغا كەلدى.»

كاپلان كۆچۈپ كەتكەن ئائىلىلەر ئىچىدە 500 ئائىلىنىڭ مۇسۇلنىڭ 120 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئەل بەئەج ناھىيەسىگە، بەزىلىرىنىڭ يەنە بۇ يەردىن سۈرىيەنىڭ راققا شەھىرىگە، بەزىلىرىنىڭ بولسا سۈرىيە-تۈركىيە چېگرىسىدىكى ئەزىزگە، 1500 ئائىلىنىڭ بولسا تەلافەرنىڭ شىمالىدىكى زۇممار، ئەل-قەسىق ۋە پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا يېقىن بولغان يېزىلارغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەلافەرلىك 300مىڭغا يېقىن كۆچمەنگە قۇچاق ئاچقان تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن كاپلان، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر