19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى

تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، يېقىندا گۇاڭشىدا تۇتقۇن قىلىنغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى شىرىنگۈلنىڭ  ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى.

596541
19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن دىنىي بىلىم ئۆگەنگەن ۋە دوست-يارەنلىرىنى دىنىي ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلغان ئۇيغۇر قىزى شىرىنگۈل بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىللىرىدە تۇرۇۋاتقان شىرىنگۈل خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىككى يىلغا يېقىن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈش داۋامىدا مۆلچەرلىگۈسىز ئاچچىق كەچۈرمىشلەر ۋە ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

كەنت كادىرلىرى شىرىنگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، قىزىنى تېپىشقا مەجبۇرلىغان. ھەپتىدە نەچچە قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ شىرىنگۈلدىن تېلېفون كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەيەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرغان.

مۇشۇنداق قاتتىق تەقىب ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە قېچىپ يۈرگەن شىرىنگۈل ئۆيىگە تېلېفون قىلىشقا ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كەنت دائىرىلىرى تەرىپىدىن «نۇقتىلىق ئائىلە» دەپ بېكىتىلىپ ، تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە چۈشكەن كادىرلار يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ماسلىشىپ، ياقا يۇرتلارغا كەتكەن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۆكۈنۈپ يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان. ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان، گۇمانلىق دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى ساقچى تورى ئارقىلىق جىددىي ئىزدەشكە كىرىشكەن.

دائىرىلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جىددىي تەقىب قىلىشى ۋە ئىز قوغلاپ تور سېلىشى داۋامىدا ئىككى يىلدىن بۇيان غايىب بولغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى شىرىنگۈل بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى گۇاڭشىنىڭ مەلۇم جايىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

شىرىنگۈل ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزا يۇقىرىقى لەڭگەر كەنتىدىن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى «توردا دىنىي تەشۋىقات قىلدى، ياشلارنى غازاتقا ئۈندىدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىكەن.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىغا مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن چۈشكەن، مەزكۇر يېزىدا «قاچقۇنلار» نىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇۋاتقان بىر كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن گۇاڭشى ساقچى دائىرىلىرى ئاۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە شىرىنگۈلنى تۇتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر