ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

ئەزەربەيجان ھۆرلۈككە ئېرىشكەنلىكى ۋە مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

593012
ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئېلىيېۋ مۇستەقىللىقنىڭ ئەزەربەيجانغا نىسبەتەن مەڭگۈلۈك ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ ئالەمشۇمۇل ئېنېرگىيە ۋە تەرەققىيات لايىھەلىرى بىلەن رايون ۋە دۇنيادا مۇھىم مودېل شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان خەلقى ھەم پىرېزىدېنتى ئىلھام ئېلىيېۋنىڭ 18 – ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر