ئەزەربەيجان ناھايىتى مۇھىم بىر خەلقئارالىق يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلماقتا

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا 7-نۆۋەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن ئېنېرگىيە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى.

591916
ئەزەربەيجان ناھايىتى مۇھىم بىر خەلقئارالىق يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ناھايىتى مۇھىم بىر ئېنېرگىيە ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى.

7-نۆۋەتلىك خەلقئارا سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن ئېنېرگىيە مۇنبىرى باكۇدا باشلىدى.

70 دۆلەتتىن 400تىن ئارتۇق ئېنېرگىيە مۇتەخەسىسى ئىشتىراك قىلغان مۇنبەردە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئېنېرگىيە مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مۇنبەر 21-ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر