ئامېرىكىدا تۈرك رېستوران ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە تۇنجى قېتىم تۈرك رېستوران ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

584809
ئامېرىكىدا تۈرك رېستوران ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 21 – 30 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ھارپىسىدا شەھەردە تۈرك تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى.

ئاشپەز دىدەم شەنول، دې داستىباس ئەشپەزلىك مەكتىپىدە «تۈركىيەنىڭ تائام مىراسى: تاتلىق – تۇرۇملار ۋە رەڭلەرنىڭ ماسلىشىشى» تېمىسىدا تۈرك تائاملىرىنى تونۇشتۇردى. يەنە بىر ئاشپەز ئەسرا ئاجار زالدىكى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن 5 تۈرلۈك تائام تەييارلىدى.

تۈرك تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ مەدەنىي ۋە تارىخىي مىراسلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر