ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۇزارتىلماقچى

ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى 5 يىلدىن 7 يىلغا چىقىرىش ۋە باشقا قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا خەلقنىڭ ئاۋاز تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

577459
ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۇزارتىلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 29-ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز تاشلىشىدا، بىرىنچى مۇئاۋىن ىپرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەش، پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 5 يىلدىن 7 يىلغا چىقىرىش، پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېشىنى ئەڭ كىچىك بولغاندا 35 ياش بولۇش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە پىرېزىدېنتقا مۇددەتتىن بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بېرىش قاتارلىق ماددىلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

5 مىليون 260 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بېلەت تاشلايدىغان بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز تاشلىشىدا، 53 مىڭ يەرلىك، 117 خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى نازارەت قىلىدۇ. چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئەزەربەيجانلىقلار 38 نۇقتىدا تەسىس قىلىنغان ساندۇقلاردا بېلەت تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر