قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلار ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئوش شەھىرى مەسئۇللىرى تۇقۇنۇشنىڭ 18 – 23 ياش ئارىسىدىكى ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

555358
قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلار ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە قىزغىز ياشلار بىلەن ئۆزبىك ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىكلەر ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 17 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى.

قىرغىزىستان ساقچىلىرى توقۇنۇش ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

ئوش شەھىرىدە يېقىندىن بۇيان قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ پات - پات تەكرارلىنىپ تۇرىشى خەلقنى قاتتىق ئەندىشگە سالماقتا.

بۇ قېتىم ئۆش شەھىرىنىڭ قۇرمونجون دوتھا ناھىيەسىدە 17 - ئاۋغۇست كېچىسى يۈزلىگەن ياشلار ئوتتۇرىسىدا كەچ سائەت 11:00 - 12:00 ئەتراپىدا توقۇنۇش باشلاندى. ئوق ئاۋازلىرىدىن چۆچۈپ كەتكەن خەلق ئاممىسى ئۆيلىرىنىڭ چېراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ توقۇنۇشنىڭ ئاخىرىلىشىشنى كۈتتى.

قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

شۇ رايوندا تۇرۇشلۇق نازگۈل ناملىق ۋەقەنىڭ شاھىدى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مەن ئۇخلاش ئۈچۈن بالدۇر ياتقان ئىدىم. ئۆيگە كۈيئوغلۇم كەلمەكچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېشىكنى ئوچۇق قويغان ئىدىم. تۇيۇخسىز جېدەل ئاۋازلىرى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم، دىرىزىدىن قارىسام، تۆۋەن تەرەپتە ئولتۇرۇشلۇق ياشلارنىڭ جېدەل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلاردىن بەزىلەر بىزنىڭ ئۆي بار قورو جايغا كىردى. مەن دەرھال ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋالدىم. بىرسى ئىچكىرى كىرىشكە ئۇرۇنغان ئىدى، مەن توكنى ئۆچۈرۈۋەتتىم» دېدى. 

ئوش شەھىرى مەسئۇللىرى تۇقۇنۇشنىڭ 18 – 23 ياش ئارىسىدىكى ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ  ئوش شەھىرىدە يۈز بەرگەن تۇنجى ئاممىۋى توقۇنۇش ئەمەس ئىكەن. ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 5 – 6 قېتىم بۇ خىل توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

ئوش شەھىرى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللاھ كاپاروۋ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتتى. ئابدۇللاھ كاپاروۋ: «شەھەردە بۇ خىل كىچىك ياكى چوڭ توقۇنۇشلار دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھازىر شەھەرنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي، ئوش شەھىرى خۇددى بۇ يەرنىڭ سېجىلياسىغا ئوخشاش قالدى. شەھەرنى بۇلاڭچىلار ئىدارە قىلماقتا. قوراللىق كىشىلەر يولدا ئادەم بولايدۇ. بۇ يەردە سودا سانائەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇلاڭچىلىققا دۈچ كەلدى. قولىدا قورال كۆتۈرىۋالغان كىشىلەر كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرىيىدۇ، ئىنسانلارنى قورقۇتىدۇ. ساقچىلار بۇلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ» دېدى. 

2010 – يىلى يازدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئۆزبېك – قىرغىز توقۇنۇشىدا مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىدار بولغان ئىدى. ئوش شەھىرى ئۆزبېكىستان چېگراسىغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئۆزبېك ياشلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئوشتا قىرغىز ياشلار بىلەن ئۆزبېك ياشلار ئوتتۇرىسىدا پات پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر