ئەزەربەيجان خەلقى شېھىتلەر ئۈچۈن 100 مىڭ دوللار ئەۋەتتى

ئەزەربەيجان خەلقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا ۋەتەننى قوغداش يولىدا شېھىت بولغانلار ئۈچۈن 100 مىڭ دوللار ئەۋەتتى.

549753
ئەزەربەيجان خەلقى شېھىتلەر ئۈچۈن 100 مىڭ دوللار ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز بىلەن بىرلىكتە كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى شەيخۇلئىسلام ئاللاھشۈكۈر پاشازادە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان مېھمانلارنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى ناھايىتى چوڭ بىر خەۋپنىڭ بوسۇغۇسىدىن قايتقانلىقىنى، تۈركىيەدە ئەمدى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرىنىڭ ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە قوللاش مەقسىتىدە ھال سوراش ئۈچۈن كەلگەن ھەيئەتكە رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەزمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھراماننىڭ  ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى، 15 – ئىيۇل كېچىسى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقەدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تارىخىي قوللىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى شەيخۇلئىسلام ئاللاھشۈكۈر پاشازادە تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر سىناقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ دەرد – ئەلەملىرى ۋە قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى، دۇئالىرى ئارقىلىق ھەمىشە تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قانچە ئون مىليونلىغان تۈركىيە خەلقى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، كوچىلار ھەم مەيدانلارغا چىقىپ، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ ۋەتىنىنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداپ قالدى. ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا شېھىت بولغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن.»

ئۇ، ئەزەربەيجان خەلقى دېموكراتىيە قەھرىمانلىرى ئۈچۈن ئەۋەتكەن 100 مىڭ دوللارنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامانغا تەقدىم قىلدى.

ئىسمائىل قاھرامان ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر