ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولدى
29-ئىيۇل 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نى يولغا قويۇش چارىسى›› تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1 - ئاۋغۇستتىكى بىر خەۋىرىدە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – ئىيۇل چاقىرىلغان 23-قېتىملىق يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىي 10 باب، 61 ماددىلىق «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 1–ئاۋغۇستتىن باشلاپ، رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پات يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ‹‹چارە››نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.